قارشىلىق

قارشىلىق : جىسىم ئىچىدىكى ئىلىكتىرونلار تەرتىپلىك ئاققان چاغدا ، ئاتوم يادىروسىنىڭ ئىلىكتىروننى تارتىش كۈچىنى يىڭىشقا توغرا كىلدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مولىكۇلىلارغا ، ئاتۇملارغا ئۈزلىكسىز سوقۇلىشىدىن ھاسىل بولغان توسقۇنلۇقنىمۇ يېڭىشقا توغرا كىلىدۇ .ئىلىكتىرونلار جىسىمنىڭ ئىچىدە تەرتىپلىك ئاققاندا ئۇچرىغان قارشىلىق كۈچى ئىلىكتىر قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ R ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئىلكتىر قارشىلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى «ئىلىكتىر قارشىلىق قىممىتى » ياكى قارشىلىق قىممىتى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئوم

قارشىلىق ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى

قارشىلىق (电阻,Resistor ) ئادەتتە توك يولىدا كۆپ قوللىنىدىغان دېتال بولۇپ ، ئسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى (as it’s name ,so is it ) ئۇ توك ئوتۇشىگە قارشىلىق قىلىدىغان بىرخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە . يەنى توك بولسا زەرەتلەرنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ، قارشىلىق بولسا مۇشۇ زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان فىزىكىلىق مىقدار .

ئادەتتە ،توك يولىدىكى قارشىلىق ئومومى سايمانلار (توك يولىغا بېكىتىلگەن ئومومىي ماتىرياللار ) سانىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ . قارشىلىق توك يولىدا توك بىسىمى ۋە توك كۇچى (توك ئىقىمى ) نى چەكلىش ، يەنى بىسىم تۆۋەنلىتىش ، توك كۇچىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . قارشىلىقنىڭ بىرلىكى ئوم Ω (欧姆)، توك يولىدا R ( Resistor ) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .ئادەتتە بىر مىگا ئوم= بىر مىڭ كىلو ئوم = بىر مىليۇن ئوم بويىچە ھىسابلىنىدۇ .

قارشىلىقنىڭ توك يولدىكى بەلگىسى

ئادەتتە ئشلەتكەن ماتىريالىغا ئاساسەن ، ئورام قارشىلىق (سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ ) ۋە پەردىلەنگەن قارشىلىق (膜式电阻، film resistor) (يەنى ئوخشىمىغان فىزىلىك خۇسۇسىيەتتىكى ماددىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلىدۇ ، ).

ئشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن ، نازۇك قارشىلىق (ئشلەپچىقىرىش ھۇنەر سەنئىتى ناھايتى سىپتا ، نازۇكلۇق بىلەن ئشلەنگەن قارشىلىقلار )، يۇقرى چاستۇتىلىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى چاستۇتىلىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق ) ، يۇقرى بىسىملىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى بىسىملىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق )، چوڭ قۇۋەتلىك قارشىلىق (مەسىلەن 5W لىق لامپا ،پوزا ) ،كىچىك قۇۋەتلىك قارشىلىق ، ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق ( يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق ) ، ئھتىيات قارشىلىق (يەنى ئھتىيات سىمى ئورنىدا ئشلەتكىلى بولىدىغان قارشىلىق ) ، بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق ، يورۇقلۇققا سەزگۇر قارشىلىق ۋە گازغا سەزگۇر قارشىلىق دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .

Other Languages
azərbaycanca: Elektrik müqaviməti
беларуская (тарашкевіца)‎: Супор
বাংলা: রোধ
dansk: Resistans
eesti: Takistus
Kreyòl ayisyen: Rezistans (kouran)
Bahasa Indonesia: Hambatan listrik
íslenska: Rafmótstaða
日本語: 電気抵抗
한국어: 전기저항
македонски: Електричен отпор
Bahasa Melayu: Rintangan elektrik
Plattdüütsch: Elektrisch Wedderstand
norsk nynorsk: Elektrisk motstand
polski: Rezystancja
srpskohrvatski / српскохрватски: Električni otpor
Simple English: Electrical resistance
slovenčina: Elektrický odpor
slovenščina: Električni upor
chiShona: Mukweso
српски / srpski: Електрични отпор
Seeltersk: Wierstand
svenska: Resistans
தமிழ்: மின்தடை
Tagalog: Resistensiya
татарча/tatarça: Электр каршылыгы
українська: Електричний опір
oʻzbekcha/ўзбекча: Elektr qarshilik
Tiếng Việt: Điện trở
吴语: 电阻
中文: 电阻
文言: 電阻
Bân-lâm-gú: Tiān-chó͘
粵語: 電阻